2009.09.08
دائىرىلەر 22 – ئىيۇندا رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى دۇكاندارلارغا كۆچۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، شۇنداقلا سودا ساراينى چېقىش ئۈچۈن مۇنتىزىم ئىشخانا قۇرۇپ، مەخپىي ھالدا سودىگەرلەرنى كۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتقان بولسىمۇ بىنانىڭ قايسى كۈنى چېقىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
رابىيە قادىر سودا سارىيى شۇنداقلا ئۇنىڭغا يانداش ئەقىدە سودا شىركىتى ھەمدە رابىيە قادىر ئائىلىلىكلەر بىناسىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلار كۆپرەك پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئىتتىپاق تىياتىرى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىملىق چېقىش پىلانىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، دائىرىلەر مەزكۈر ئورۇنلاردا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەمدە ئوت كېتىش خەتىرى كۆرۈلگەنلىكتىن چېقىشنى بەلگىلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئەمەلىيەتتە، رابىيە قادىر سودا سارىيى 2006 – يىلىدا ئۆتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك سېستىمىلىرىنى نۇرغۇن چىقىم بىلەن يېڭىلىغان ئىكەن.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، ھەربىي جەھەتتىن قاتتىق كونتروللۇققا ئېلىپ تۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ھەم ئۇششاق تىجارەت قىلىپ جان بېقىشتىكى بىردىن – بىر مەنبەسى بولغان رابىيە قادىر سارىيىنىمۇ چاقماقچى بولغانلىقى ئۇيغۇرلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك نارازىلىقلار پەيدا قىلىۋاتقان ئىكەن.