2009.09.05
›مەركىزى ئاگېنتلىقى’نىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەن تور يازغۇچىسى ياڭ خېڭجۈن ›ۋەقەنىڭ جاۋاپكارلىقى پۈتۈنلەي رابىيە قادىرغا ئارتىپ قويۇلغان بۇ كۆرگەزمىدىن، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ۋاڭ لېچۇەننى ئاغدۇرۇش مەقسىتى بارلىقىنىمۇ ھېس قىلدىم‹ دېگەن.
ئەمما شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تېرروچىلىققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى پەن جژپىڭنىڭ بۈگۈن ›مەركىزى ئاگېنتلىقى’غا، ھازىر ئۈرۈمچىدە نەچچە ئونمىڭلىغان خىتاي كۇچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىۋاتىدۇ، بۇ ھېچكىم قۇتراتمىغان ياكى تەشكىللىمىگەن نامايىش. ئەگەر ›يىڭنە سانجىش پارتىيىسى’نىڭ ھەرىكىتى ئالدىن ئالا زەربە بېرىش سىياسىتى بۇيىچە دەرھال ئۈزۈل – كۋسىل يۇقىتىلمىسا، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، دېگەن.