2009.09.04

ﺳﯜﺭﻩﺕ، Youtube ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ «ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
بۈگۈنكى «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىمنىڭ كىنوخانىلاردا تۈنجى قىتىم قويۇلۇشىغا سىېدنىيدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە فىلىم دېرېكتورى جېف دەنىيال قاتناشتى.
فىلىم ئاخىرىدا جېف دەنىيال ئەپەندى ۋە ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئەلا ئەپەندى فىلىم كۇرگۈچىلەرنىڭ سوائالىرىغا جاۋاب بىرىشتى. كۆپچىلىكنىڭ رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش يولىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە خىتايلارنىڭ زۇلۇملىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۇرىدىگەن سوئاللىرى بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى.
جېف دەنىيول ئەفەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ فىلىم مېلبورىن، ئادىلايد، پېرس قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئارقا – ئارقىدىن قويىلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.