2009.09.03
بىرىنچى سىنتەبىر كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ھەيدى ھائۇتالا خانىممۇ رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر پارلامېنتتىكى زىيارىتى جەريانىدا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى قوللاپ: » مەن ئۇيغۇر رايونىدا ھەر تەرەپتىن خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاش زۆرۈر بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مەۋجۇت دەپ قارايمەن،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە :» جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، بۇنىڭغا ھېچقانداق دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېدى.