2009.09.01
رابىيە خانىم ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا قىلغان نۇتقىدا :»خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق باستۇرۇش ۋە زوراۋانلىقى بىلەن شەرقي تۈركىستاندىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ » دەپ تەكىتلىگەن ۋە ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بېسىم ئىشلىتىشقا چاقىرغان.
رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېريۇسېلغا زىيارەتكە بارغان ئىدى. ئۇنىڭ بېريۇسېلدىكى زىيارىتى 5 – سىنتەبىرگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ھەمدە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن باشقا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا مەخسۇس دوكلات بېرىدۇ ھەم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.