ب د ت جۈمە كۈنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۆتكەن يىلى تىبەتتە پارتلىغان ئىسيان ۋە بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 5 ‏ – ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارغا » ئىنسانىي مۇئامىلە » قىلىشقا، ئۇلارنى ئادىل سوتلاشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.08.28
ب د ت ئېرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلغان خۇلاسە دوكلاتىدا تۇتقۇنلارنىڭ » ئادۋوكات تاللاش، سوتنىڭ ھۆكۈمىدىن بۇرۇن گۇناھسىز ھېسابلىنىش ھوقۇقى شۇنداقلا جىنايەت ئارتىلغانلارغا مۇۋاپىق جازا بېرىش» قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ قالايمىقانچىلىققا يولۇققاندا تەرتىپنى ساقلاش ۋەزىپىسى بارلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارشى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ قوللانغانلىقىغا دائىر قاراشلارنىڭ ئۆزلىرىدە «ئەندىشە» قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خۇلاسە دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: «كومىتېت خىتاينىڭ بۇ تۇرلۈك ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى جۈملىدىن مىللەتلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىق ۋە ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىش سەۋەبى ئۈستىدە ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ».

دوكلاتتا يەنە خىتاينى غەربتىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە تەرەققىياتنى يولغا قويۇپ، بۇ رايونلاردىكى مەۋجۈت ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىشكە چاقىرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 ‏ – ئىيۇل ۋەقەسىنى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ بۇ قارىلىشىنى رەت قىلىپ، ۋەقەنى خىتاينىڭ رايوندىكى ئادالەتسىز سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» ئالدىنقى كۈنى 5 ‏ – ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ پات يېقىندا سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى «خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلغان ئىدى.