دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان 196 كىشىنىڭ تۈرمىلەردە قاتتىق قېيىن – قىستاق دەستىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.27
رابىيە خانىم بۇ مەلۇماتنى ۋەقەدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچىنىڭ ئۆزىگە يوللىغان فاكىسىغا ئاساسەن ئېيتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئۇ ساقچى ۋەقەدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كەلگەن ئىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، رابىيە خانىمنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىن بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىنى ئاساسسىز دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارغا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تۈرمىلەردە قاتتىق قېيىن – قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، گۇناھسىز بالىلارنىڭ قېيىن – قىستاق دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىشى ۋە دەلىل – ئىسپاتلارنى يوق قىلىشى بىلەن بۇنى ئىسپاتلاشقا مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بېرى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغانلار ۋە ئۆلگەنلەر ھەققىدە ئېنىقسىز مەلۇماتلارنى بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن نەچچە ھەسسە ئاشىدىغانلىقىنى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بولسا نەچچە مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.