2009.08.21

ئۈرۈمچى شەھىرىدە سىرتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى چېقىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن زىچ ئولتۇراقلاشقان يامالىق تېغى، بەيگە مەيدانى، داۋان يېزىسى ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز ئۆيلەر قاتارىدا چېقىشقا باشلىغان.

«5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە كۆچمە نوپۇسنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا چەكلىمە قويۇشنى كۈچەيتىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا، نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولمىغانلارنىڭ چوقۇم قەرەللىك ئولتۇراقنامە ئېلىشى، ئولتۇراقنامە رۇخسىتىنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەكلىكى، ساقچىلار ئۇلارنى كۆرگەن يەردە تەكشۈرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغان كىشى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ يەر خېتى ھەم ئوي كىنىشكىسىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

ئالمۇتىدا 5 – ئىيۇل قۇربانلىرىغا ئاتاپ 40 نەزىر ئۆتكۈزۈلدى

13 – ئاۋغۇست ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار 5 – ئىيۇل خىتاي قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ 40 نەزىر بەردى. نەزىر ئالماتادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن سۇلتان قورغانغا جايلاشقان ئېلى مۇھەممەد مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە قۇربان بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ قۇرئان – خەتمە، نەزىر – چىراغلارنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى.

13 – ئاۋغۇست، ئالماتادىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دە قۇربان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغاندىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ياپونىيىدە «باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى – ئويغان ئۇيغۇر» ناملىق رومان نەشر قىلىندى

ياپونىيىدە «باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى – ئويغان ئۇيغۇر» ناملىق رومان نەشر قىلىندى. رومان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1985 – يىلى نەشر قىلىنغان «ئىز» ناملىق تارىخىي رومانى بىلەن «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانلىرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان.

مەزكۇر روماننى، ياپونىيىلىك تەرجىمان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ئاياكو ئازۇما خانىم تەرجىمە قىلىپ نەشرگە سۇنغان بولۇپ، 2009 – يىلى 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ياپونىيىنىڭ مادوكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇتەخەسسىس ئاياكو ئازۇما «ئىز» ناملىق «ئويغانغان زېمىن» ناملىق بۇ ئىككى تارىخىي رومانى بىرلەشتۈرۈپ 28 باب قىلىپ تەرجىمە قىلغان. رومان، 397 بەتتىن تەركىب تاپقان، روماننىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەتلەر كىرگۈزۈلگەن.

«رابىيە قادىر سودا سارىيى» چېقىلماقچى

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇقتىلىق مىللىي سودا مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ۋە «ئەقىدە سودا سارىيى» قاتارلىق سودا سارايلىرىنى چېقىلىدىغان بىنالار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

يەنە تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «رابىيە قادىر» سودا سارىيىدىكى تىجارەتچىلەرگە بىنادىن يۆتكىلىش ھەققىدە تەشۋىقات خىزمىتى باشلانغان. چەتئەلگە يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر، رابىيە قادىر سارىيىنىڭ چېقىلىدىغانلىقى ھەققىدە، مەزكۇر سودا سارىيىدا دۇكان ئېچىۋاتقان ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ باشقا جايلاردىن دۇكان ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامما بۇ ھەقتە ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئۆزچ ئېلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭغا زەر بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن باشلىغان كۈرەشلىرىدىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي دۆلەت بايرىمىغا » 3 خىل كۈچلەر» دىن تەھدىت كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي دۆلەت بايرىمىغا » 3 خىل كۈچلەر» دىن تەھدىت كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ شەھىرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر خىتاينىڭ 60 يىللىق دۆلەت بايرىمىغا قارىتىلىش ئېھتىمالى بولغان «تېررورلۇق» ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېلىنغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى لى ۋېي، خىتاي دۆلەت بايرىمىغا » بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي ۋە تېررورچىلار» دىن تەھدىت كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە، ساقچىلارنىڭ بېيجىڭدا ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى ۋە چەتئەلدىن قايتىپ، بېيجىڭدە بىر مەزگىل تۇرغانلارنى نۇقتىلىق ھەرىكەت نىشانى قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«خىتاي گېزىتى» دە كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» بىلەنمۇ بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەن.

قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشلىرى «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»گە ئالاقىدار رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچماقچى

قازاقىستاندا ئۇيغۇر – قازاق ياشلىرى بىرلىشىپ قۇرغان «ئارمان تەشكىلاتى» يېتەكچىلىرى ۋە ئەزالىرى 20 – ئاۋغۇست ئالماتا شەھىرىدە، «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»گە ئالاقىدار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىش ئالدىدا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، » ئارمان تەشكىلاتى» ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاستانە قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئۆتكۈزىدىكەن.

بۇ ھەقتە قازاقىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللا نەق مەيداندا خاتىرىلىگەن تەپسىلىي مەلۇماتلارنى يەتكۈزدى.

بېشكەكتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى «ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى» نىڭ 40 كۈنلۈكىگە ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزدى

قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 40 كۈنلۈكى مۇناسىۋىتى بىلەن نەزىر ئۆتكۈزدى. ئۇلار نەزىردە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قۇربان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى.

ئۇيغۇر ياشلىرى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى باستۇرۇش جەريانىدا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئافغانىستاندىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئاياغلاشتى

تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بىلەت تاشلاش ئاياغلاشتى. بىلەت تاشلاش، ئەتىگەن سائەت 7 دە باشلىنىپ، كەچ سائەت 5 ئەتراپىدا تاماملاندى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، سايلامدا قانچىلىك كىشىنىڭ بىلەت تاشلىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن. سايلامنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇ يەردىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار بۇ قېتىملىق سايلامدا بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى، ھەتتا 2004 – يىلىدىكىدىنمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ سايلامنىڭ ئافغانىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.