خىتاي يېقىندا رابىيە قادىر سودا سارىيى ۋە ئەقىدە سودا سارىيىنى چېقىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئەقىدە سودا سارىيىنى بوشىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.08.20

Rabiye-we-Aqide-Sariyi-cheqilmaqchi-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﺕ ﻛﻮﭼﺎ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ، ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ.

www.uyghuramerican.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي تېپىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى رابىيە خانىم ئائىلىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر بىر ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ قارالماقتا.

بۇ ئەھۋالغا قارىتا، رابىيە قادىر خانىم رادئىومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا ئىپادىسىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.