2009.08.19

ئاۋىستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ئاۋستىرالىيىنىڭ كەيرنىس ساياھەت گاھىدا 8 – ئاينىڭ 5 – كۇنىدىن باشلانغان پاسىفىك ئاراللىرى يىغىنىغا كەلمەكچى بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خې يافىينىڭ سەپىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئىيتىپ » ھۆكۈمىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نىسبەتەن پوزىتسىيىمىز ئىنىق تۇرسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇركىلىشنى بۇ دەرىجىگە كوتىرىشى بىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ،» دېگەنلىكىنى يازدى.
سىناتور جوىې لودۋىگ ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سوز قىلىپ، » رابىيە خانىمنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق شۇبھىگە ئىگە ئەمەسمىز، ئەمما خىتاي رابىيە خانىمغا تىنىم تاپماي شۇنداق قارا چاپلاۋاتىدۇ» دېگەن.
ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئاۋىستىرالىيىگە مەبلەغ سېلىشتا ئويلىشىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى يازغان.
ئاۋىستىرالىيىنىڭ بارلىق تېلىۋىزور قاناللىرى ئاۋىستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىتىفىن سىمىسنىڭ پارلامىنتتا ئاۋىستىرالىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۇزلىگەن نۇتقىنى بەردى. ئۇ نۇتقىدا » بۇگۇنكى ئىقتىسادى كرىزىس مەزگىلىدە، گەرچە بىزگە مەلۇم دەرىجىدە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولسىمۇ، رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالغانلىقىمىزدىن پۇشايمان قىلمايمىز ۋە مەيدانىمىز تەۋرىمەيدۇ،» دېگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.