2009.08.14
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گەرچە خىتاي تور بەتلىرى دائىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىغان ئىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان تور خاككېرلىرى يازغۇچىسى سكوت ھېندېرسون: » راستىمنى ئېيتسام ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان خاككېرلارنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بۇ بەك كەم كۆرۈلىدۇ» دېگەن.
خىتاي خاككېرلىرى يېقىندا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان، ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىنىڭ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان خاككېرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ھۇجۇمنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكى تەپسىلىي بېرىلمىگەن.