بۈگۈن يېڭى زېلاندىيىنىڭ ماۋرى تېلىۋىزىيىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئىشلەنگەن مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى ناملىق ھۈججەتلىك فىلىمنى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.13
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئاۋسترالىيە مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدىكىگە ئوخشاش، يېڭى زېلاندىيىنىڭ ماۋرى تېلىۋىزىيىسىگە ھۈججەتلىك فىلىمنى قويماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ماۋرى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بۇنى رەت قىلغان.

ماۋرى تېلىۋىزىيىسىنىڭ باشلىقى جىم مېيسىر ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «چەت دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تېلىۋىزىيە قانىلىدا بىر فىلىمنى قويۇش ‏- قويماسلىق مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى پەقەتلا كۆرۈلمىگەن بىر ئەھۋال. ماۋرى تېلىۋىزىيىسى ھەر دائىم ئاساسىي پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. بىز ئىنسانلارنىڭ ئەركىن سۆزلەش، ئەركىن بايانات بېرىش ھوقۇقى بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز» دېگەن.

مەزكۇر قانالنىڭ بۆلۈم مۇدىرى سونىيا ھاگى خانىم مۇخبىرلارغا: «خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكىدىن فىلىمنى قويماسلىق ھەققىدە بېسىم كەلگەندىن كېيىن، بىز ئۇلارنى بۈگۈنكى يىغىنغا كېلىشكە ۋە بۇ مەسىلىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا مۇنازىرە قىلىشقا چاقىردۇق. ئەمما ئۇلار بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەلىپىمىزنى رەت قىلدى،» دېگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ماۋرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى فىلىمنى قويۇش ھەققىنى 2000 دوللارغا سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ كۆرۈشىنى خالىمايدىغان فىلىمنى تارقاتقان تۇنجى تېلىۋىزىيە قانىلى بوپقالغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.