خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرى ھەم تۇغقانلىرىنى ئوچۇق خەت يازدۇرۇش ھەم تېلېۋىزوردا سۆزلىتىش ئارقىلىق، رابىيە خانىمنى ئەيىبلىشى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭمۇ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.08.12

Rabiye-xanim-NY-nutuq-urumqi-weqesi-305ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 21 ‏ – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ » 5 – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.

www.peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
خىتاي دېموكراتچىلىرى، چەتئەللەردىكى خىتاي تور بەتلىرىدىن خەلق تور بېكىتى، يېڭى ئىرا تور بېتى، بوشۈن تور بېتى، كۆزىتىش ژۇرنىلى قاتارلىقلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنى رابىيە قادىر خانىمنى ئەيىبلەپ سۆزلەتكەنلىكىنى، «ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاققا قىلىنغان ھاقارەت «، » ئىنسانلاردىكى نورمال ئانا – بالىلىق ۋە قېرىنداشلىق مېھرى‏ – مۇھەببىتىگە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇرۇلغان خەنجەر» دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي دېموكراتلىرىدىن جاۋ جىڭجى يېڭى ئىرا تور بېتىدە ئېلان قىلغان «رابىيە خانىمنىڭ بالىلىرى ئانا – بالىلىق مۇھەببەتتىن ۋاز كەچتىمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختالغان.
ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:» خىتاي ھۆكۈمىتى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن، گېزىت، ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزورلاردا، ھەر كۈنى رابىيە قادىر خانىمنى ئەيىبلەپ، ئۆزلىرى «ئەپسۇن» ئوقۇپ، ياشانغان بۇ خانىمنى «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» غا ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ بالىلىرى ئارقىلىق ئۇنى تىللىتىپ ئۇنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى «ئۆز قېرىنداشلىرى ئارقىلىق زەربە بېرىش ھىيلىسى»خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىنى تېخىمۇ تۆكۈۋەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىمغا قىلغان بۇ ئەخلاقسىزلىقى بىلەن، خىتاي مىللىتىدە تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئائىلىۋى مۇھەببەتتىكى گۈزەل ئەنئەنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. خىتاي ئۆلىماسى كوڭزى خىتاي مىللىتىدىكى «ئاتا – بالا، ئانا – بالىلىق مېھرى مۇھەببەتنى ھەر قانداق باھانە – سەۋەبلەر بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىدى، 3000 يىلدىن بۇيان خىتاي مىللىتى «ئائىلە مۇھەببىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان مىللەت» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى، خىتاي خەلقىنى دۇنياغا ئىنسانى مۇھەببىتى بولمىغان ئەخلاقسىز مىللەت قىلىپ تونۇتۇۋاتىدۇ.»

خىتاي دېموكراتلىرىدىن خې چىڭليەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاپىسىغا قارشى ئوچۇق خەت يازغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا بولغان دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

خەلق تور بېتىدە، چيۇ بۇچۈ ئىسىملىك ئاپتور «مەدەنىيەت ئىنقىلابى پاجىئەسىنىڭ يەنە بىر تەكرارى » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ بىر ئايلىق ھارپىسىدا، رابىيە قادىر خانىمغا بالىلىرى ھەم ئۇرۇق ‏ – تۇغقانلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان خەتنى خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلغانلىقىنى ھەم ئۇلارنى تېلېۋىزوردا سۆزلىتىپ رابىيە قادىر خانىمغا ئۆز قېرىنداشلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى «ئەقەللىي ئىنسانى مېھرى مۇھەببەتنى يوقاتقان، چېكىدىن ئاشقان رەزىللىك ھەم لۈكچەكلىك قىلمىشى» دەپ ئەيىبلىدى.

ماقالە ئاپتورى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئوز ھېسسياتىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ،»مەن بۇ خەۋەرنى كۆرگىنىمدە، ئىختىيارسىز قاتتىق سەسكىنىش ھېس قىلدىم ! رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرى ھەم ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمغا ھۇجۇم قىلىش، بۇ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە قۇرۇلغان 80 يىلدىن بۇيانقى تارىخى تەجرىبىسى. بۇ قېتىم ئۇلار بۇ ئۇسۇلنى يەنە ئىشلىتىپتۇ. بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋاقتى ئوتكەن، تارىخنىڭ لەنىتىگە قالغان ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمغا زەربە بەرمەكچى بولۇشى بىزگە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئۇرۇق – تۇغقان، قېرىنداشلارنىڭ بىر – بىرىدىن چەك – چېگرا ئاجرىتىشقا مەجبۇرلانغان ھالىتىنى ئەسلىتىدۇ. قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە قوللانغان رەزىل ۋاسىتىسىنى، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتىگە زىت يالغانچىلىقنى يەنە باشلاپتۇ.»

ماقالە ئاپتورى بۇ خەتنىڭ قانداق شارائىتتا يېزىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بۇ خەتنى راستىنلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرى بولغان سىلەر، ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن بىلەن يازغان بولساڭلار،خىتاي مىللىتىدىن بولغان مەنمۇ سىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىڭلار ئۇچۇن نومۇس قىلىمەن، سىلەرنى ياراتمايمەن. ئەگەر سىلەر بۇ خەتنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا يازغان بولساڭلار، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئىنسانغا خاس تەبىئىتىنى يوقاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن ھەر قانداق رەزىللىكلەر كېلىدۇ. ئەگەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرى بۇ خەتنى يازمىسا، ئۇلار تېلېۋىزوردا ئۆز ئانىسىنى ئەيىبلەپ بايانات بەرمىسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەتتا نارەسىدە نەۋرىلەرمۇ ھاياتلىق بەدىلى تۆلىشى مۇمكىن»!

ماقالە ئاپتورى ماقالىسىنى خىتاي پۇقرالىرىغا قىلغان مۇنۇ مۇراجىتى بىلەن ئاياغلاشتۇرىدۇ. «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان جىنايەت، خىتاي كوممۇنىستلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىن قالغان بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقنى، بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىمغا زەربە بېرىشتە تەكرار قوللىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ نومۇسسىزلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ئازراق ھەقىقانىيەت تۇيغۇسى بولغان ھەر قانداق بىر خىتاي پۇقراسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بولغان بۇ ئەخلاقسىزلىقىنى ئەيىبلىشى كېرەك»!

بوشۈن تور بېتى ھەم كۆزىتىش تور بەتلىرىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىكى مەسئۇلىيەتنى ئۆزىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تەڭسىز سىياسىتىدىن كۆرمەي، ئەكسىچە بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى رابىيە قادىر خانىمغا ئارتىشى بىمەنىلىك ھەم نومۇسسىزلىق دەپ ئەيىبلەندى.