2009.08.08
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال تەشۋىقاتچىسى لۇسىي ھېسېلتىن مەزكۇر ھۆجەتتلىك فىلىمگە سېتىلغان بېلەتنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، فىلىمنى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى مېلبۇرن ۋاقتى كەچقۇرۇن 4: 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم ”مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى“ ئاۋسترالىيىلىك رېژىسسور جېف دانىېل تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە، بۇ يىل ئاۋسترالىيىدىكى ئەڭ چوڭ فىلىم فېستىۋالى مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالغا قويۇلغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر فىلىمنىڭ بۇ فېستىۋالغا قويۇلۇشىغا، ئۆز فىلىملىرىنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرۈش، فېستىۋال تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىشى قاتارلىق قارشىلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى.