2009.08.07
دۇەن جېلۇڭ يەنە، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى باستۇرغانلىقىنى ئاقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ «قانۇنغا ئاساسەن ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللانغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن شۇ كۈنى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن جەنۋەگە توپلانغان ئۇيغۇرلار يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ئەيىبلىدى ۋە ب د ت نىڭ ئۈرۈمچىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، 5 – ئىيۇلدىكى قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئارتقان. لېكىن رابىيە خانىم ۋەقەنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.
دۇەن جېلۇڭ ب د ت دا سۆز قىلغان شۇ كۈنى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىنسانشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شىئېن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى پەرقلەر مىللىي ئىختىلاپ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى» دېگەن.