2009.08.05

شۇ سەۋەپتىن، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى خىتايلار ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن قورقۇپ سىرتقا چىقالمايۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن تارتىپ خىتاي ئاشخانىلىرىدا تاماق يېمەيۋاتقان ۋە خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالمايۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايلار قاتتىق ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىماقتا.
بۇلاردىن باشقا بۈگۈن يەنە تۈرك تېلېۋىزيە ۋە گېزىتلىرىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا بۈگۈنگىچە 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى خىتايلارنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىغا يەر بېرىلدى.
خەۋەرلەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قارشى داۋاملىق ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا يەر بېرىلدى. تۈركىيەدىكى رادىكال گېزىتىدە `بېيجىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ئائىلىسى ئارقىلىق زەربە بېرىۋاتىدۇ` تېمىسىدا، مىللىيەت گېزىتىدە بولسا `خىتاي: بالىلىرى رابىيەنى ئېيىپلىدى` تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.
خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن ئىنىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى لىدىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى چىقاردى دەپ ئېيىپلاپ بايانات ئېلان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە رابىيە قادىر خانىم رەئىسلىكىنى قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنداق ئىشنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى يېزىلغان. گېزىتتتە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ نورمال شارائىتتا بۇنداق بىر خەتنى يېزىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقى يېزىلغان.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى مۇتىخەسىسلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.