2009.08.03
ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «بۇنداق سېلىشتۇرما قىلىشنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇرلىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلىشىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە 6 يىل ياتقان رابىيە قادىر خانىمغا قانچىلىك ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمەن.»
مكگوۋەرن ئەپەندى ماقالىسىدە، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرى دەلىل – ئىسپات توپلاش ئۈچۈن 2006 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بارغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ بالىلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتايدا يولۇقىدىغان قىسمەتنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
25 – ئىيۇل ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۈرۈمچىدە ئەركىن زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مكگوۋەرن ئەپەندى:» ئەگەر خىتاي شۇنداق مەرد بولسا، نېمىشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ» دەپ سوئال قويغان.
مكگوۋەرن ئەپەندى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا » ئەگەر بايانلاردا ئوخشىماسلىق بار دېيىلسە سىزنىڭ ئاخباراتىڭىزدا بار» دېگەن ھەمدە 25 – ئىيۇل ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى توپىلاڭ ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلار زىددىيەتلىك» ناملىق ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىرلەرنى رەت قىلغان.