2009.07.23
ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 – ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 75 ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﮔﯜﻟﻤﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.3 كۈندىن بېرى خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈركلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
23 – ئىيۇل www.jinghua.cn ناملىق توربېتىدە ئېلان قىلىنغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا تېررورىست» ماۋزۇلۇق ماقالىدا، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ دولقۇن ئەيسا بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى تامامەن چەتئەلدىكى كىشىلەرگە ئارتىپ قويۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ راستىنلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.