2009.07.23
ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ فىلىم فېستىۋالى بولغان مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان » مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى ئارقىلىق فېستىۋالنىڭ تەشكىللىگۈچىسى رىچارد مورغا فىلىمنى قويماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى. خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ ئۈچ فىلىمىنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، رىچارد مور ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما فېستىۋالنىڭ سىياسەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ فېستىۋالغا مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىچارد مور دۆلەت رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە، بىر فىلىم فېستىۋالىنىڭ سىياسى بېسىمغا ئۇچرىشىنىڭ ئىنتايىن ناچار بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ » بىز تۈزۈمىمىزدە چىڭ تۇرىمىز ۋە بۇنداق زومىگەرلىككە ھەرگىز بويۇن ئەگمەيمىز،» دېگەن ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ فېستىۋالدا داۋاملىق يەر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.