2009.07.22
شۇنداقلا خې يافېي باياناتىدا، ئۈرۈمچى ۋەقەسى مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۈچ خىل كۈچلەر پىلانلىغان ۋە زوراۋانلىق بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋەقە؛ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم خەلقنىڭ مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇنلۇق تەدبىر قوللاندى؛ ›ئۈرۈمچى ۋەقەسى‹ نى بىر تەرەپ قىلىش ›جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى‹ دەپ تەكرار – تەكرار ئىزاھات بەردى. شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىىدىن، رابىيە قادىرغا دەرھال چەكلىمە قويۇشنى، ئۇنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدىن پايلىنىپ جۇڭگوغا بۆلگۈنچىلىق قىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا بىۋاستە جاۋاب بەرمەي كېلىۋاتقانلىقى، بەلكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارى كىلىنتون خانىم ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، ھىنىدىستان بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن قوللىنىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى، ئۇنىڭ بۈگۈن يەنە تايلانتقا كېلىپ، شەرقىي – جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق كېلىشىمىدىكى دۆلەتلەرگە، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ئارقا تېرەك بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ تەسىرىنى چەكلەيدىغان تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى خىتاينى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقان ئىدى.