20 – ئىيۇل، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكنى جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى ۋە بۇ يىغىن ئارقىلىق 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.07.21
Rabiye-Urumqi-PressClub-305ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﺍ، 2009 – ﻳﯩﻠﻰ 20 – ﺋﯩﻴﯘﻝ، 2 – ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، 5 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

RFA Photo
يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى خەۋەر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى پېتېر خىكمەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، بۇ يىل 26 –  ئىيۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار تېخىمۇ قاتتىق زوراۋانلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ سۈكۈتتە تۇرغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تەييارلىغان  ئىنگلىزچە باياناتىنى  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خادىملىرىدىن بىرى ئالىم سېيىتوف  ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ باش تېمىسى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەنسىزلىك: خىتاي دۇنيا ئاخباراتىدىن يوشۇرغان ھەقىقەتلەر » بولۇپ، باياناتتا يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان » 5 –  ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى ساختىلىقلارنى ئېچىپ تاشلاپ، دۇنياغا ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى يورۇتۇپ بېرىش ئىكەنلىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا 5 –  ئىيۇلدىكى نامايىشنىڭ خىتايلار كۆرسەتكەندەك » ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋە كۆيدۈرۈش ۋەقەسى » بولماستىن بەلكى، تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان ھەقلىق نامايىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى ۋە نامايىشقا گۇۋاھ بولغۇچىلارنىڭ تېلېفون خاتىرىلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، نامايىشنى ۋەقەگە ئايلاندۇرغۇچلارنىڭ پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياتتا گۇۋاھچىلار تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان رابىيە قادىر خانىم، گەرچە باشقىلار تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا ئۇنىڭدىنمۇ كوپ سان ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ ، ھازىرچە ئۆلگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ مىڭ كىشى ئەتراپىدا دەپ بېكىتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ساننى ھەققىي ئىسپاتلاشنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇشقا يول ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىدىن كۆپ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىم يىغىن ئاخىرىدا ، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5 –  ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى ھەققىدىكى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.