«5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن 15 كۈن بولدى. ھازىر بۇ ۋەقەنىڭ پارتلاش سەۋەبى ئۈستىدە خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بەس – بەستە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.07.21

Urumqi-xitay-piqaq-esker-qatil-305ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 – ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
خىتاينىڭ » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ پارتلاش سەۋەبىنى، ئۆزىنىڭ  ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىدىن ئىزدىمەستىن، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئارتىشى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكرات زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى «يېڭى تاڭلىقلار» ناملىق تور بېتىنىڭ، «قىزىق نۇقتىلار ھەققىدە مۇنازىرە» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا،»بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ، خىتاي دېموكراتلىرىدىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى لى تيەنشياۋ، ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى قاتارلىقلار » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»نىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ، بىردەك ھالدا، «خىتاينىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان،» دېيىشتى.

خۇپىڭ ئەپەندى سۆزىدە، » ›5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى‹ نىڭ پارتلىشىدا نۇرغۇن ئامىللار بار، ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتىن كەمسىتىلدى، باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدى. خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكىدىن، ئىچكىرىدىن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىگە يۆتكەپ كېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تارايتىۋەتكەنلىكىدىن،ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇنبەت يەرلىرىنى، سۇ مەنبەسىنى تارتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدىمۇ تىرىكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قالدى، مانا بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسى سەۋەب، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە نارازى بولىدۇ – دە!» دەپ كۆرسەتتى.

لى تيەنشياۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلدى، شاۋگۈەن ۋەقەسىدە ئادەم ئۇرغۇچىلار خىتايلار بولغىنى ئۇچۇن، يەرلىك ھۆكۈمەت خىتايغا يان بېسىش پوزىتسىيىسىدە بولدى. گەرچە شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تور بېتىدىكى ئۆسەك سوز ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەت ئۆزى ئېلان قىلغان تۇرۇقلۇق، بۇ مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبكار بولغان قاتىللارنى جازالىمىدى. خىتاي ئىشچىلىرى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ›ئۇيغۇر ئىشچىلار 2 نەپەر خىتاي قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى‹ دېگەن ساختا خەۋەرگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ياتىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ،گۇناھسىز ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئۇرۇپ، 89 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى يارىلاندۇرۇپ ھەتتا 2 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبكار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە تەرەققىي قىلىپ، تاكى ئادەم ئۆلۈش دەرىجىسىگە يەتكۈچە ھۆكۈمەت تەرەپ 2 سائەتكىچە ۋەقەنى كونترول قىلىدىغانغا ساقچىلارنى ئەۋەتمىدى، كېيىن ساقچىلار يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، تاڭ ئېتىپ سائەت 5 بولغاندىلا ئاندىن ۋەقەگە ئارىلاشتى. ۋەقەدىن كېيىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىللارنى جازالىمىدى. ›5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى‹ پارتلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 13 نەپەر خىتاينى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىشقا نارازى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈمى ئۇچۇن ئادالەت تەلەپ قىلىپ، تىنچلىق بىلەن نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق مەيدانىدا بۇ ئىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قورال كۈچى بىلەن باستۇردى، تۇتقۇن قىلدى، نەتىجىدە تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى».

ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى سۆزىدە :»خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ›5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى‹ نىڭ پارتلىشىغا ›چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى سەۋەب بولغان‹ دېگەن تەشۋىقاتىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز تۆھمەت، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى يوشۇرۇش، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۇچۇن، بۇ ئىشقا قۇربانلىق قوي ئىزدىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىلا تەنقىد قىلىپ قالماستىن، بەلكى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر بىز تور بېتىدە ئۈزلۈكسىز ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە دېموكراتىيىنى ياقلاشقا، قانۇن بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ‏ – ئادىتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا،ئۇيغۇرلارغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئوتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر فىزىك ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئارتىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز تۆھمەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان قاتتىق قول سىياسىتى سەۋەبكار بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە ئۇيغۇر ئىلىدە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆز سۆزلىرىدە، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشقا، ئۆز خەلقىگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى نۇربەكرىنى لاياقەتلىك رەئىس ئەمەس دەپ كۆرسەتسە، ئەركىن سىدىق ئەپەندى نۇر بەكرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزلىرىنى تەنقىد قىلىپ، «نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى سۆزلىگەن سۆزىگە ئىگە بولۈشى، ئىلمىي ئاساسى بولمىغان سۆزلەرنى سۆزلىمەسلىكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك،» دېگەن ئىدى.