ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.07.20
2009.07.20

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر خەلقئارا مەسىلىگە ئايلنىپ قالدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ›ئۇيغۇر ئاپونوم رايونىمۇ ياكى خىتايلاشتۇرۇشمۇ؟’، ›ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان نامايىش ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ھەرىكىتىمۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىمۇ؟’، ›ھازىر ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر باشلىقلار ۋە دىنى زاتلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن سۆزلەۋاتامدۇ ياكى مەجبۇرلانغانمۇ؟‹ دېگەن مەسىلىلەردە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ›ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى‹ دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈزگۈزۈۋاتىدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ›ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى‹ دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈزگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغىنى نارازىلىق نامايىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغىنى قوراللىق قىرغىنچىلق
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، 5 – ئىيول كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغىنى قانۇنلۇق نارازىلىق نامايىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغىنى قوراللىق قىرغىنچىلىق.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون باشلىقلىرىنىڭ سۆز قىلغاندىكى چىرايىدىن مەجبۇرلانغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تاللىۋالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون باشلىقلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا سۆز قىلغاندىكى چىرايىدىن ئۇلارنىڭ مەجبۇرلانغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.