ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكنى جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.07.20
يىغىننىڭ باش تېمىسى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەنسىزلىك: خىتاي دۇنيا ئاخباراتىدىن يوشۇرغان ھەقىقەتلەر» بولۇپ، يىغىن 20 – ئىيۇل، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئېچىلدى.

رابىيە قادىر خانىم، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇشقا باھانە ئىزدىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي ئىنكاس قايتۇرمىغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.