ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.07.20
2009.07.20
مۇراسىمدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ياشلارنىڭ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى ۋە كۆرسەتكەن خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەم ئۇلارنىڭ پىداكارلىقى ۋە باتۇرلۇقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
رابىيە خانىم سۆزىدە، 5 – ئىيۇل نامايىشىنىڭ تېنچلىق بىلەن باشلانغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشنىڭ تېنچلىق بىلەن ئاخىرلىشىشىغا ئىمكان بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ۋە تەشكىللىگەنلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا توپىلاڭچى دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى؛ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولسا ئۆز قەھرىمانلىرىنى ھەر ۋاقىت تونۇيدىغان ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، مارىلاند ۋە ۋىرجىنىيە قاتارلىق جايلىرىدىن بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.