2009.07.19
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشچىلار قوللىرىدا، » ئۇيغۇرلارنى ئولتۇرۇشنى توختات»، » ئۇيغۇرلارغا ئادالەت كېرەك» دېگەندەك شوارلار يېزىلغان ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرتتى چۈشۈرۈلگەن تاختىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىشقا چىققان.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يۇسۇپ ئەكبەر : «خەلقئارا جەمئىيىتى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ باستۇرۇشلارنى توختىتىش كېرەك» دېگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ 1949 – يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكنى بۇنى توختىشى لازىملىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى قاتتىق بېسىقتۇرۇلغاندىن كىيىن دۇنيا خاراكتېرلىك نارازىلىق قوزغىغان ۋە ئۇيغۇرلار جۈملىدىن باشقا دۆلەت خەلقلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋج ئالغان ئىدى.