ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان موربىن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا رابىيە قادىر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاسترالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە 7 ‏ – ئاينىڭ 10 ‏ – كۈنى نارازلىق بىلدۈرۈپ خەت يېزىپ، ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارا فىلم فېستىۋالىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر ھەققىدىكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.07.18
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاي قارشى تۇرىۋاتقان بۇ ›مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى‹ ناملىق فىلىمنى مەشھۇر فلىمچى دېنىرس ئىشلىگەن. ئۇنىڭدا رابىيە قادىرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىلىرى تەپسىلي تەسۋىرلەنگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ئاۋسترالىيە فلىم فېستىۋالىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى بۈگۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى جىنايەتچى، 5 ‏ – ئىيول كۈنىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقسىنىڭ قۇتراتقۇچىسى ۋە پىلانلىغۇچىسى دەپ ئەيىپلىگەنلىكىنى رەت قىلدى ۋە فىلىم ئىشلەيدىغان ئورۇنلار ئاۋسترالىيىدە مۇستەقىل سەنئەت ئورگانلىرى، دەپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ فېستىۋالغا تاللانغان فىلىملەرگە قارىتا جازا قوللىنىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ جاكارلىدى.