ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ، دېموكراتىك جۇڭگو فرونتى ۋە جۇڭگو دېموكراتىك پارتىيىسى تەرىپىدىن نيۇيورك شەھىرىنىڭ فېلاشىڭ رايونىدا چاقىرىلغان ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خاتا سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.17
خۇ پىڭ «جۇڭگو كومپارتىيىسى 50 – يىللاردىن باشلاپ مەجبۇرىي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بېرى، خەنزۇلار زور كۆلەمدە كۆچۈپ كېلىپ، ئۇيغۇرلار قارا خىزمەت ئورۇنلىرىدىن تارتىپ يۇقىرى ساپالىق خىزمەتلەرگىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە چەتكە قېقىلدى» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: » سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇرتىدا ئاز سانلىق بولۇپ قالسىڭىز، ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ياقا يۇرتلۇقلارغا ئايلىنىپ قالسا، ئەتراپىدىكى تاختاي – ئادرېسلاردا يېزىلغان نەرسىلەر ئۇلارغا پۈتۈنلەي ناتونۇش بولسا، بۇ غەلىتىلىك ھېسابلانمامدۇ ؟ »
خۇ پىڭ مىللى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى مىللىي ئاپتونومىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە»جۇڭگودا مەيلى شىنجاڭ، مەيلى تىبەت بولسۇن، ھەقىقىي مىللىي ئاپتونومىيىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشىغا يول قويۇش، ئۇلارنىڭ يەرلىكتىكى ئاساسىي مىللەتلىك ئورنىنى ساقلاشتۇر» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى چەتئەلدىكى «بۆلگۈنچى» كۈچلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەگە ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن رابىيە قادىر خانىم ۋەقەگە خىتاينىڭ 60″ يىلدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى جاۋابكار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.