ئۈرۈمچى نامايىشى پارتلىغىنىغا بۈگۈن 11 كۈن بولدى. ئەمما ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ۋە » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى » ۋەقەسىنى چۆرىدىگەن ھالدىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر يەنىلا قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.07.16

Urumchi-Namayish-toqunush-070509-1-3057 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﮔﯘﺍﯕﺪﻭﯓ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ، ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺑﺮﻭﯞﻧﯩﻜﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ.

ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدىن فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى، گېرمانىيە ئاۋازى، جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى، ئەلجەزىرە قاتارلىقلاردا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزە خەۋەرلىرىدە ئاساسلىقى، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىيلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى» پارتلىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى خەلقئارادىن يوشۇرغانلىقىغا، خەۋەرلەرنى قامال قىلىپ،ۋەقەنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنى نەزەربەند قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى» گە 10 كۈندىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە شەھەر ئىچىدىكى ماگىزىنلار ئېچىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەر ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونى ۋە سايباغ رايونى قاتارلىق جايلاردىكى كوچىلاردا، كۆپلىگەن قوراللىق ساقچىلار چارلاپ يۈرمەكتە ئىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 14 – ئىيۇلدىن باشلاپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىگە چەك قويۇپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىدىن قايتىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، كىنىشكا بېجىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە، ئىجازەت كىنىشكىسى ئالمىغان مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيدان زىيارىتى ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى، ھەتتا ئىجازەت كىنىشكىسى ئالغان مۇخبىرلارنىڭمۇ ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىغانلىقى بايان قىلىنغان.

«ئالما گېزىتى «مۇخبىرىنىڭ 15 – ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ 2 نەپەر مۇخبىرى، «ئىسپانىيە سەھەر گېزىتى»نىڭ بىر نەپەر مۇخبىرى، ياپونىيىلىك بىر نەپەر مۇخبىر ۋە خوڭكوڭ «جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتى» نىڭ بىر نەپەر مۇخبىرى زىيارەت قىلىۋاتقان نەق مەيداندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، نەزەربەند قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ قېتىمقى » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى» نىڭ پارتلاش سەۋەبىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ دەپ قارىغاچقا، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتلاردىن قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىغان.

«فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، ئاۋسترالىيىنىڭ مىئوبىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى مەسئۇلىدىن، كىنو ھەپتىلىكى پائالىيىتى جەريانىدا، ئەسلى پىلاندا 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى قويۇش بەلگىلىگەن، رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەنە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، خىتاينىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىك، قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشىغا چەك قويىدىغان قارارلارنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئوبزور، ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋەر ئانالىزىدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان تەنقىدى پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختالغان.

» گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە،1 – نۆۋەتلىك ياۋروپا بىرلىكى قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ياۋروپا بىرلىكى نەزىرىنى ياۋروپادىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاغدۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋەزىيىتى ھەم ئىران ۋەزىيىتى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆزىتىش نىشانىغا ئايلانغان. ماقالىدە، ياۋروپا بىرلىكى قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى،شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كارىل بىئارت خىتايدا پارتلىغان » ئۈرۈمچى ۋەقەسى » نىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە ئېغىر مەسىلە بار» دەپ خىتاينى تەنقىدلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ماقالىدا يەنە، چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرىنىڭ مۇنازىرىسىدە،ياۋروپا بىرلىكى ئەزالىرىنىڭ خىتايغا بولغان تەلەپلىرى بايان قىلىنغان.

مۇنازىرىدە، ياۋروپا بىرلىكى قۇرۇلتىيىغا ئەزا ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بەس – بەستە بايانات ئېلان قىلىپ،خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تىنچلىقپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ سۇننىي مەزھىپىگە تەۋە بولغان بۇ مۇسۇلمان خەلقنى تېررور بىلەن باغلىۋالماسلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتكە قارىتا مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەقەنى كەڭ قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

قۇرۇلتايدا يەنە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان قورال سودىسىنى چەكلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.