ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.07.16
2009.07.16
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىدە ئېچىلىۋاتقان مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلىدىغان رابىيە قادىر خانىم تونۇشتۇرۇلغان ھۈججەتلىك فىلىمنى بۇ قېتىملىق فېستىۋالدىن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ فىلىمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تونوشتۇرۇلغان بولۇپ، فىلىم جېف دانىيالس تەرىپىدىن ئىشلەنگەن.
فېستىۋالنىڭ تەشكىللىگۈچىسى رىچارد مورنىڭ ئا ب س رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىغا دەپ بېرىشىچە، بىر خىتاي دىپلوماتى رىچارد مورغا تېلېفون قىلىپ رابىيە قادىرنىڭ بىر جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ فىلىمنى دەرھال فېستىۋالدىن چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيىتقان. ئەمما رىچارد مور بولسا، ئۇ دىپلوماتقا ئۇنىڭ بۇ فىلىمنى باھالاش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئېيىتپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.
بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي دىپلوماتى ئارقىلىق ئاۋسترالىيە فېلىم فېستىۋالىغا بېسىم ئىشلەتكەن - ئىشلەتمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.