ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاتنىشىشىدا يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىپ، 5 ‏ – ئىيۇندا يۈز بەرگەن ئۇرۇمچىدىكى قىرغىنچىلىققا ئىنكاس قايتۇردى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.15

Xitay-saqchi-adem-olturgen-meydanda-urumqi-305ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 – ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېئونارد لېئو يىغىندا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئاز سانلىقلار سىياسىتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى بىر بۇلۇڭغا قىستاش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى.

لېئونارد لېئو، » ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ بىر سەۋەبى بار. خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى نۇرغۇن ئاممىۋى نارازىلىقلارغا جۈملىدىن تىبەتلەر ۋە دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئەمدى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. بېيجىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ئەمگەك ھوقۇقى ئاكتىپلىرىنى، سۆز ئەركىنلىكى تەشەببۇسچىلىرىنى بىر بۇلۇڭغا قىستاپ كەلگەن. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندىكى سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن لېئونارد لېئو، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە » تېررورلۇق» نى يېتىلدۈرىدىغان يوشۇرۇن كۈچ دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ»: ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىسلامى ئىبادەتكە قاراتقان چەكلمىسىنى كۈچەيتتى. ئاياللار ۋە ياشلاردىكى دىنىي چۈشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ساقچىلارنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەر، ›قانۇنسىز دىنىي كىتابلار’، ›قانۇنسىز دىنىي تەلىم ‏ – تەربىيە مەركەزلىرىنى باشقۇرۇشىغا دائىر يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى. ئىماملار سىياسى تەربىيە كۇرسىغا قاتنىشىشقا، دىنىي تەبلىغلەردە ھۆكۈمەتپەرەس تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاندى. قەشقەردىكى تارىخىي رەستىلەر چېقىلىپ، ئىقتىسادى مەنپەئەت ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 192 گە يەتكەنلىكىنى جاكالىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىدا ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكىنى، ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يىغىندا رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، 5 ‏ – ئىيۇلدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، يۈزلىگەن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ قوللانغانلىقىنى تەنقىدلىگەن رابىيە خانىم، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەزىيەتكە ئارىلىشىپ، رايوندىكى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنى ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنىڭ باش جاۋابكارى دەپ ئېلان قىلىپ، نامايىشنى ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، توقۇنۇشنى ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ۋەقەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يولغا قويغان ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چارشەنبە كۈنكى يىغىندا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېئونارد لېئو ئوباما ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بەردى. بۇ تەكلىپلەر زوراۋانلىق ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىشنى تەلەپ قىلىش، ۋەقەنى خەلقئارا ئورگانلاردا ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ۋە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىغا ساياھەت ئىمبارگوسى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىگە ئېكسپورت ئىمبارگوسى قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نامىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردا زور نارازىلىقلارنى قوزغىغانلىقىنى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ» ۋە تىبەت سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «بېيجىڭنىڭ سىياسىتى شىنجاڭ شۇنداقلا تىبەت رايونىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭنى باشقا بىر يولدا مېڭىشقا ئۈندىشى كېرەك. بۇنىڭ بىر يولى بېيجىڭنى قانۇندىكى دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىكنى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش، شىنجاڭدىكى مىللىلارغا ئىقتىسادى پۇرسەت بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن باشلاشتۇر» دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئاز دېگەندە 137 نەپىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن يىغىندا خىتاينىڭ تىنچ نامايىشچىلارغا چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللانغانلىقىنى تەنقىد قىلغان رابىيە قادىر خانىم، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» غا ئوخشاتتى. ئۇ، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز دېگەندە مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.