ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ئامېرىكىدا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈشكە دەۋەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.07.14
Congressman-Frank-Wolf-305ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ (Frank Wolf) ﻓﺮﺍﻧﻚ ﯞﻭﻟﻒ، 11 – ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﻔﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولفنىڭ مەكتۇپى ئۈرۈمچى نامايىشى قانلىق باستۇرۇلۇپ ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

مەكتۇپ 13 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا يوللانغان بولۇپ، مەكتۇپتا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ۋولف ئەپەندى ئامېرىكا پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنى رابىيە قادىر خانىم بىلەن جىددىي كۆرۈشۈشكە چاقىرغان ۋە مۇنداق دېگەن: «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى رابىيە قادىر خانىم بىلەن دەرھال كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.»

دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنى ئەنسىزچىلىكلەر بېسىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ئەھۋالىنىڭ يەنىلا خەۋپلىك ھالەتنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇيغۇر ئېلى رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ئۈرۈمچى توقۇنۇشىنى رابىيە خانىمغا دۆڭگەپ ئۇنى ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىككە مەخپىي قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەنلىكنى رەت قىلىپ: » مەزكۇر ئەيىبلەشلەر رابىيە قادىرنىڭ ئەزەلدىن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان زوراۋانسىز نامايىش قىلىش چاقىرىقىغا زىت كېلىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى توقۇنۇشلارنى پەقەت بىر تەرەپكىلا يان بېسىپ خەۋەر قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئەسەبىيلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى تېخىمۇ زورايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فرانك ۋولف خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان پەيتلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: » غەزەپلىك خىتاي توپىلاڭچىلار ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى قول قوشتۇرۇپ جىم تۇردى. ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ساناقسىز ئۇيغۇر ئەرلەر قولغا ئېلىندى. بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، باشقا ئائىلە ئەزالىرىغا ناتونۇش بولغان مەخپىي جايلارغا قامالدى» دەپ يازغان.

دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقماي رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ يەنە 1975 – يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ، ئاق ساراي ۋە سابىق پرېزىدېنت فوردنىڭ، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى برېژنېف بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشقا دەخلى يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئۆكتىچى ئالىكسانىر سولژېنىتسيننى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكە دەۋەت قىلىپ :» مەن سىلەرنى ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى دەپ سۈرەتلىگەن بۇ ئايالدىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ، ئوخشاش خاتالىقنى يەنە سادىر قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمەن» دەپ يازغان.

دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋولف ئەپەندىنىڭ مەكتۇپى ئېلان قىلىنىپ ئەتىسى، ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ھەققىي سانىنى ئاشكارىلاش جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

دەرۋەقە، ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە يارىدار بولۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى مۇخبىرلاردىن يىراق تۇتقان، مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلار ياتاققا ئېلىنغان ھەر بىر دوختۇرخانىلاردا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 186 نەپەر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 1700 نەپەرگە يېقىن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتىگە بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، ۋەقەدە مىڭدەك ئادەم قازا قىلغان ۋە نەچچە مىڭ ئادەم ئېغىر – يېنىك دەرىجىدە يارىدار بولغان.

ۋەقەگە شاھىت بولغۇچىلار ۋە بىر قىسىم كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى نامايىشنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان بولۇپ، 5 – ئىيۇل پەقەت بىر رايوندىلا ئوقتا ئۆلگەن ئۇيغۇرلار  150 دىن 200 نەپەرگە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قاتتىق قامال قىلغان بولغاچقا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى كەم بولماقتا.

دۆلەت مەجلىسى فرانك ۋولف ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم بايانات بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.