كىشىلەرنىڭ يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قانۇنلاشتۇرۇلغان مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.07.14
DC-namayish-urumchi-Rabiye-3057 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯓ ﺷﺎﯞﮔﯜﻩﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩﻫﺸﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
گەرچە خىتاينىڭ دۆلەت قانۇنىدا مەزكۈر ماددا ئۈچۈن يەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما 5 ‏ – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان تېنچلىق نامايىشى قوراللىق باستۇرۇلدى ھەمدە ھۆكۈمەت قايتا نامايىش ئېلىپ بارماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇپلا قالماي، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە شۇنىڭدەك نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا زوراۋانلىق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى توغرىسىدا تۆھمەت چاپلىماقتا. ھەقىقەتەن چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدىمۇ؟

خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن 5″ ‏ – ئىيۇل » ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ، شەرقى تۈركىستان مۈستەقىلچىلىرى تەرىپىدىن تەشكىلى ھالدا ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە توختىلىپ، » شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىلچىلىرىنى ھىمايە قىلغۇچىلار جۇڭگونىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىغا قارىتا زوراۋانلىق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇردى» دېگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يەنە، 5″ – ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن، لوس ئانجىلىستىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ 30 كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەلچىخانىغا تۇخۇم ئاتقانلىقىنى، يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ مۇنخېن شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىغا ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنىڭ بېنزىن قاچىلانغان بوتۇلكا تاشلىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا ئادەم باشلاپ بېرىپ ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر قانچە كۈن زوراۋانلىق نامايىشى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.»

ئەمما لوس ئانجىلىستىكى نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن مەۋلان ياسىن ئەپەندى نامايىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى نىزامنامىلىرىغا ئاساسەن، ساقچىلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ناھايىتى تېنچ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەلچىخانىغا ھۇجۇم قىلدى دېيىشىنىڭ پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

5 ‏ – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ – نەپرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە نامايىش ۋە يىغىلىش پائالىيەتلىرى بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى ۋە بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلار ئارقا – ئارقىدىن خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر قىسىم تەشكىلاتلار خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

بۇلاردىن سىرت، بىر كۈن ئىلگىرى تۈركىيە سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 250 جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەنى تۈرك، ئۇيغۇر، قازاقلاردىن بولۇپ 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان » شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىقى ۋە زۇلۇمغا لەنەت ئوقۇش » دېگەن نامدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەردە، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ غايىب جىنازا نامىزى ئوقۇلغان، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىلدۈرۈۋاتقان غەمخورلۇقى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى «بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان زوراۋانلىق ھەرىكىتى»دەپ ئەيىبلىگەن.

شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

دېموكراتىك ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى تېنچ يوسۇندا بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىنمۇ تۈمۈر كالتەك توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا نامايىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ۋەتەن ئىچىدىكى نامايىشنى قوراللىق باستۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى تېنچ نامايىشلارنىمۇ پاكىتسىز قارىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دېيىشمەكتە.