سەيشەنبە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى سەۋەبلىك خىتايغا قاراتقان تەھدىت باياناتىنى ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.07.14
ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا » بىز ھەر قانداق زوراۋانلىققا قارشى، زوراۋانلىق ھېچ قانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، خەلقئارادىكى تېررورچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقانىي داۋاسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى پاجىئەلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاي دىپلوماتىك ۋەكىللىرى ھەم خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان ھەر قانداق تېررورلوق ھەرىكەتلىرىدە بولماسلىقى كېرەك،» دېدى.

بۇنىڭ ئالدىدا ئەلقائىدە تەشكىلاتىمۇ خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئەنگلىيە گۋاردىئان گېزىتىنىڭ سەيشەنبە تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «ئىسلامى مەغرىپ » دەپ ئاتالغان ئالجىرىيىدىكى تارماق تەشكىلاتى، بۈگۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» سەۋەبلىك خىتايدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەزكۇر تەشكىلات خىتايغا قاراتقان بۇ باياناتىدا، تەشكىلاتنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان ئۈچ ئېلىش ھەرىكىتىدە شىمالىي ئافرىقىدىكى خىتايلارنى ئوبېكتا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

نۆۋەتتە شىمالىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ سانى نەچچە ئون مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، ئالجىرىيە ئۆزىدىلا 50 مىڭ خىتاي پۇقراسى ياشايدىكەن.