بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، رابىيە خانىم گېزىت مۇخبىرىغا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا، بۇ جەرياندا ئۆلگەنلەر مىڭدىن ئاشىدۇ، يارىلانغانلار ھەم يۈتۈپ كەتكەنلەر نەچچە مىڭغا بارىدۇ. يوقاپ كەتكەنلەر ئىچىدە مېنىڭ ئۇرۇق ‏ – تۇغقانلىرىم، بالىلىرىممۇ بار،» دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.07.14
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى رابىيە قادىر خانىمغا ئارتىپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىدى.

رابىيە خانىمنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، بارلىق تېلېفون ۋە باشقا ئالاقىلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك ھازىرغا قەدەر، رابىيە خانىم ئۈرۈمچىدە قالغان پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمىغان شۇنداقلا ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىغان.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئالىم ئابدۇرېھىم، ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى تۈرمىگە ئالدى. باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ بىر قانچە قېتىملاپ قولغا ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەربەنتىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدى.