ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.07.12
2009.07.12

بۇ پائالىيەتنى تۈركىيىدىكى سائادەت پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيە ۋە جەمىيەتلەر تەشكىللىگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان مەملىكەت بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 5 – ئىيۇلدىكى قەتلىئامنى «مىللىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان شۇنىڭدەك يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كىرىشىگە ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسسىمىلاتسىيىسىنى توختىتىشقا چاقىردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرك مەتبۇئاتلىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى.
بۈگۈن ئىستانبۇلدىكى چاغلىيان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ھەققىدە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان تاش مەلۇمات بېرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.