ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيدىغان قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.07.10
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھىسىنى تەييارلىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بىل دېلاھۇنت ۋە  ئامېرىكا  ئاۋام پالاتاسى  تاشقى مۇناسىۋەتلەر تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى دانا روھراباكېر قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلدى.

دېلاھۇنت ۋە روھراباكېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنى مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبچىسى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىدىن چۆچۈگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۈگۈن تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاساسى مەقسىتى بولسا ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى  قايتا تەكىتلەش ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق سۆيەر  لىدېرلىق رولىنى قوللاشتىن ئىبارەت  ئىكەن.