ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 ‏- ئىيۇل نامايىشىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۇجۇم باشلىدى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ھۇجۇم ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.07.09

Rabiye-Urumqi-PressClub-305ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﺍ، 2009 – ﻳﯩﻠﻰ 20 – ﺋﯩﻴﯘﻝ، 2 – ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، 5 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەت تەشۋىقاتى ئارقىلىق، خىتاي پۇقرالىرىنى، ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈشكۈرتكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم، 5 ‏- ئىيۇل نامايىشىدا يارىلانغان خىتاي پۇقرالىرىنى مەقسەتلىك ھالدا تېلىۋىزورلاردا كۆپ كۈرسىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ۋەقە چىقىرىشقا قۇتراتقانلىقىنى؛ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي خەلقىغە ھەم دۇنياغا كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم سۆزىدە 5 ‏- ئىيۇل نامايىشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىنئەزەر، جاۋابكارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى؛ چۈنكى تېنچلىق شەكلىدە باشلانغان نامايىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم، نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنىڭ تولىمۇ ئاددىي ۋە ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، گۇاڭدۇڭدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات سورىغانلىقىنى؛ قاتىللارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلەپلەرگە قۇلاق سېلىش ئورنىغا نامايىش يېتەكچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى؛ بۇ سەۋەبتىن توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى؛ ئەگەر خىتاي پۇقرالىرى 5 ‏ – ئىيۇلدا ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرى ھەققىدە ھېساب سورىماقچى بولسا، بۇ ھېسابنى ئۇيغۇرلاردىن ئەمەس، نامايىشنى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

رابىيە خانىم زىيارتىمىز داۋامىدا يەنە، خىتاي تەرەپ ئېلان قىلغان ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ 156، يارىدارالار سانىنىڭ 800دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قاىدىر خانىم سۆزىدە، ئۈرۈمچىگە تەرەپسىز بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بېرىپ، ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلمىغىچە، خىتاي ئېلان قىلغان ھەر قانداق مەلۇماتقا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدە جاۋابكار تەرەپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئۆلگۈچىلەر ئارىسىدا خىتايلار سانىنى ئاشۇرۇپ كۆرسىتىش ئارقىلىق جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماسلىقىنى، مىللەت تەركىپى قانداق بولۇش قەتئىينەزەر مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆكۈمەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم يەنە، خىتاي خەلقىغە خىتاپ قىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ بۈگۈن، ئافرىقىدىكى ئەڭ نامرات خەلقلەرمۇ ئىگە بولغان دېموكراتىك ھەقلەرگە – يەنى سايلام ھوقۇقى ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، 1989 ‏ – يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى باستۇرۇشنى بۇيرۇغۇچى بىلەن، ئۈرۈمچىدىكى 5 ‏ – ئىيۇل نامايىشىنى باستۇرۇشنى بۇيرىغانلارنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى يەنى خىتاي كومپارتىيسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ رابىيە خانىم خىتاي خەلقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلمىغا شېرىك بولماسلىققا چاقىردى.

رابىيە خانىم سۆزىدە، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر خەلقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا داۋاملىق ھۇشيار بولۇشقا ۋە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق تەييار تۇرۇشقا چاقىردى.

رابىيە خانىم يەنە، ئۈرۈمچىدە زوراۋانلىق قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا خىتاپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ، ئاخماق بولماسلىققا چاقىردى. رابىيە خانىم يەنە، ئارمىيە ۋە ساقچىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ تۇرۇپ، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ باتۇرلۇق ئەمەسلىكىنى، مىللەتچىلىكمۇ ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.