تۈركىيە خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ ‏- نەپرىتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى ئارقا ‏- ئارقىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى. 4 كۈندىن بىرى خىتايغا قارشى داۋام قىلىۋاتقان نامايىش ھازىرمۇ توختاپ قالمىدى. بۈگۈن يەنى 7 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىمۇ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش داۋام قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.07.09

Istanbulda-Urumchi-namayish-3057 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 – 8 ‏- ﻛﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
تۈركىيىنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بىلەن تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار «ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى توختات، خىتاي قەتلىئامىدىن نەپرەتلىنىمىز، شەرقىي تۈركىستان ئىشغال ئاستىدا » دېگەنگە ئوخشاش خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا ‏- تاختىلارنى كۆتۈرۈپ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلاندى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللار ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىغا دۈچ كەلگەن قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ كۆز يېشىنى توختىتالماي قالدى.

نامايىش جەريانىدا، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر نىجاتى جەيلان بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىش جەريانىدا يەنە، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلدى، شۇنداقلا، نامايىش جەريانىدا خىتاي كونسۇلخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويۇلدى ۋە خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈرك ئۇجاقلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلارمۇ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلدى. تۈرۈك ئۇجاقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شەھەرلىك باشلىقى يۈكسەل قالەجى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالپتېكىن ئەپەندىلەر خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ بېشىكتاش رايونىدا چوڭ ھەجىمدە بىر نامايىش داۋام قىلماقتا.

تۈركىيىنىڭ رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە قاناللىرى، گېزىت ‏- ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خەۋەر، ماقالە ئېلان قىلىنماقتا، قىسقىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈركىيە ‏- پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەگە ئالاقىدار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخى بىر قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيانە ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشنى شۇنداقلا بۇ ۋەقەنى ب د ت نىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇد ئوغلۇمۇ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايوندا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا قەدەم بېسىشنى كۈتۈۋاتىمىز، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ‏- خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىدىن 58 پارلامېنت ئەزاسى بىرلا ۋاقىتتا ئىستىپا بەردى. باشقا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بىر ‏- بىرلەپ ئىستىپا بەرمەكتە.

دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇد ئوغلۇ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، 5 ‏‏- ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسىنى ب د ت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيىدىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، جەمئىيەت رەھبەرلىرى پۈتكۈل ئاخباراتلاردا سۆز قىلىپ، بايانات ئېلان قىلماقتا، دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى قانلىق ۋەقەنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيىنىڭ ATV تېلىۋېزىيىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ سۆھبەت پروگراممىسى سۇنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بىۋاستە تارقىتىلىدى. رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچى خانىمنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتى ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ‏- قۇۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيىتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.