تۈركىيە پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقلار سەۋەبى خىتاي دائىرىلىرىگە قاراتقان تەنقىدىنى كۈچەيتتى. تۈركىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقتىكى ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.09
بۈلەنت ئارىنچ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە دۇنياۋى تەسىرىنى قوللىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى تۈركىيە ‏ – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىننى كۆرمەسكە سالالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئىتالىيىدىكى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقنى 8 دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئەگەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈركىيىگە كىرىش ۋىزىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە «ھۆررىيەت» گېزىتى جۈمە كۈنكى بىر خەۋىرىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇد ئوغلۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، ب د ت دا ئىسلام ئەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.