تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سالالمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنى ب د ت دا مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقە خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.09
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «بۇ پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى تونۇپ يېتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تىرىشچانلىقىنى قوللىشىنى ۋە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

خىتاي ۋەقەنى «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە ئارتقان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارادا خىتاينى تەنقىدلەيدىغان تەرەپلەر كۈچىيىۋاتىدۇ. تۈركىيە سانائەت مىنىستىرى تۈرك خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ جەرياندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قارار لايىھەسى ھازىرلىغانلىقىنى، قارار لايىھىسىنىڭ جۈمە كۈنى مەجلىس ئەزالىرىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قارار لايىھىسى ھازىرلىغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىلل دېلېيخۇنت بىلەن روراباكېر جۈمە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.