2009.07.08

رادىئومىز مۇخبىرلىرى 5 - ئىيۇل ۋە 7 - ئىيۇل نامايىشلىرىدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنى ئىگىلەشكە كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق تېلفۇن لىنىيىلىرىنى قامال قىلىشى تۈپەيلى، ئۈرۈمچى ئاھالىسى بىلەن ئالاقە باغلىيالمايلا قالماستىن، ئىدارە - ئورگانلاردىنمۇ مەلۇمات ئېلىش قېيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ھەقىقىي ۋەزىيەتنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىشدىن قانچىلىق دەرىجىدە بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بولۇپ، بۇلاردىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنتېرنېت تور بەتلىرىنى تاقاش، تېلېفۇن لىنىيىلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ۋاستلىرىنى ئىشلەتمەكتە. ئىگىلىشىمىزچە، يالغۇز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفۇن ئالاقىسى كونترول قىلىنىپلا قالماي، بەلكى تەرەپسىز ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئەھۋاللىشىشى تەسكە توختىماقتا ئىكەن.
بۇ ئارىدا بوشۇن خەۋەر تورىنىڭ 8 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، » ئۇيغۇر بىز تور بېتى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەزكۈر تور بېتىدە يەنە، خىتايلار تەرىپىدىن «مۆتىدىل ئۇيغۇر مۈتەخەسسىسى» دەپ نام ئالغان، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام ئەپەندىنىڭ زوراۋنلىق ئۇسۇلى بىلەن مىللىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى تاللاش تەشەببۈسىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى بايان قىلىندى.
بۇنىڭدىن دەل ئىككى كۈن ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بېكىتكەن رەئىسى نۇر بەكرى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ۋە خىتاي مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيىسىدە سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، دۆلەت سىرتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، دۆلەت ئىچىدە بولسا » ئۇيغۇر بىز » تور بېتىنىڭ ۋە » دىيارىم » تور بېتىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بوشۇن تورىدا ئېيتىلىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى ئاخىرىقى قېتىمقى ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن » ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن نۇر بەكرىگە پەقەتلا مۇنداق دەپ ئېيتالايمەن » سىزنىڭ دېگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب. مەن ئاللىقاچان نۇرغۇنلىغان كاتتىباشلارنى رەنجىتتىم، بۇنىڭ ئىچىدە سىز ۋە مەن رەنجىتىشنى خالىمىغان كىشىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت. مەن ئۆز – ئۆزەمگە سوغۇققان بولۇشنى، سالماقلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىشنى شەرت قىلىپ كەلدىم، مېنىڭ قارىشىمچە، ئەرز سۇنۇش - قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان بىر جەمئىيەتتە ماجىرالارنى ئادىل ھەل قىلىشنىڭ بىردىن – بىر يولى. شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن، ۋاقتى كەلگەندە مەن ئۈچۈن ئادۋوكات تەيىنلىمەڭلار، مەن تەيىنلەنگەن ھەر قانداق ئادۋوكاتنى رەت قىلىمەن.»
بوشۇن تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق پەرەزلىرى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئىككى كۈن ئىلگىرى رادىئومىز مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ غايىپ بولۇش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىز ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە ۋە قول تېلفۇنىغا نۇرغۇن قېتىم تېلفۇن ئۇرغان بولساقمۇ تېلېفۇنغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ باش تەپتىشى پىشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ 4 كۈندىن بېرى يۇرتىدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن تېلېفۇندا ئەھۋاللىشالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان، سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بولمىغان تەرەپسىز بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.