7 ‏- ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە خىتايلارنىڭ گۇاڭدۇڭ شاۋگۈەندە ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.07.07
DC-namayish-urumchi-Rabiye-3057 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯓ ﺷﺎﯞﮔﯜﻩﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩﻫﺸﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
نامايىشقا 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، نامايىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلىدى.

نامايىشنى ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق مەتبۇئاتلىرىدىن ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، نيويورك ۋاقتى گېزىتى ۋە فرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن بولۇپ 10 دىن ئارتۇق گېزىت، تېلېۋىزىيە ۋە ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن زىيارەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.