خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى مىللىي قىرغىنچىلىقى دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ كۆلەملىك خەۋەر قىلىنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىرغىنچىلىققا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتتتىن تۈرلۈك ئىنكاسلار كېلىشكە باشلىدى. ب د ت باش كاتىپى دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.06

Bankimon-Rabiye-xanim-Urumchi-305ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺑﺎﻥ ﻛﯩﻤﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بولسا قىرغىنچىلىققا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ يەكشەنبە كەچ ۋە دۈشەنبە كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ  –  كۆلەملىك قىرغىنچىلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، پۇقرالارنىڭ نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بان كىمۇننىڭ باياناتى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئېغىر ئۆلۈم  –  يىتىم ۋەقەسى يۈز بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى 156 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ب د ت باش كاتىپى بان  – كىمۇن دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر » قەيەردە يۈز بېرىۋاتقان ياكى يۈز بەرگەن بولمىسۇن ب د ت ۋە ب د ت باش كاتىپىنىڭ مەيدانى ئېنىق ۋە ئىزچىلدۇر. بارلىق ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەيلى ئىچكى ياكى خەلقئارا مەسىلىلەردە بولسۇن ، سۆھبەت يولى بىلەن تىنچ ھەل قىلىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

بان كىمۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، كىشىلەرنىڭ سۆز، ئۇچۇر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ»: ھۆكۈمەتلەر ئۆز ھەرىكىتىدە ئالاھىدە دىققەتلىك بولۇشى، پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىپ، پۇقرالارنى ۋە ئۇلارنىڭ مال  –  مۈلكىنى قوغدىشى لازىم شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قوغدىشى كېرەك». ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھىبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەقەگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى رەسمىي مەيدانى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىيان كەللېي ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە «چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى»نى، تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ»: بىز خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تۈسىدىكى بۇ توپىلاڭدا ئۆلگەنلەرنىڭ 140 قا يېتىپ بارغانلىقىنى كۆردۇق. بىز بۇ ساننىڭ كۆپىيىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز شۇنداقلا بىز ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىمىز. بىز بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ ۋەقەگە نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە دائىر گۇمانى قارىشىمىز بار. ئەلۋەتتە بىز تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە سالماقلىق بولۇشقا چاقىرىمىز».

ۋەقە يۈز بەرگەندە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىتالىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىتالىيە پرېزىدېنتى خۇنى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى. ئىتالىيە پرېزىدېنتى ناپولىتانو دۈشەنبە كۈنى ئىتالىيىدە زىيارەتتىكى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ «ئىتالىيە دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە»ئىكەنلىكىنى، «خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيىنى ياخشىلىشى شۇنداقلا خىتاي ۋە خىتاي ئورگانلىرىنىڭ قارار چىقىرىش بىردەكلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بولسا ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنغا دائىر خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، «شىنجاڭ»دىكى مەسىلە سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردېن بروۋېننىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىز زوراۋانلىققا دائىرىلەر خەۋەرلەرگە شۇنداقلا ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز يەنە تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، مەسىلىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتىكى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن. ۋۇ داۋېينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى قانداق چۈشەندۈرگەنلىكى بىزگە نامەلۇم، لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىيان كەللېي ئامېرىكىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئالدىمىزدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.   ئۇ مۇنداق دەيدۇ»: بىز كىشىلىك ئەركىنلىك ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار بىلەن دائىم بىرگە تۇرىمىز. خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي بۈگۈن بۇ بىنانى زىيارەت قىلغاندا ، مەن بۇ ۋەقەنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن شۇنى ئەسكەرتىمەنكى ، بىز ئاخىرىقى بىر قانچە كۈنلەردە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلارغا دائىر بەزى ئەندىشىلىرىمىزنى ئوتتۇرىمىز قويىمىز».

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا دۆڭگىگەن بولۇپ، ۋەقەنى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا ، ۋەقەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىپ، تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنى ئادىلانە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. مەركىزى لوندوندىكى بۇ ئورگان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن»: خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تولۇق سانىنى ئېلان قىلىشى شەرت. ئۆز قارىشىنى تىنچ يولدا ئىپادىلىگەن، ئىپادە ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى قوللانغان تۇتقۇنلار دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ۋەقە ئۈستىدىن ئادىل ۋە ئۈزۈل‏ –  كېسىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئۆلۈم جازاسى بولمىغان ئادىلانە بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر» .

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارى نەۋىي پىللېينىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى نامايىشلارغا ھۆرمەتكار مۇئامىلە قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ دىنىي ۋە سىياسى پائالىيەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى خاتىرىسى ناھايىتى ناچار. بۇنى كۆزدە تۇتقاندا ، بىز ئاخىرىقى بىر قانچە كۈندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغانلىقىمىزغا گۇمانى قارىشىمىز بار. بىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارى نەۋىي پىللېينىڭ تېز ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلىشىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارايمىز» دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا ، بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىدە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، سولاش، قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرۇش شۇنداقلا دىنىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلارنىڭ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.