2009.07.06

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن ۋەقە خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۇر – ئۇر قىلغان ۋەقە بولسا، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئارمىيىسىگە قىرغۇزغان ۋەقە.
ئۈرۈمچىدىكى نامايىشقا شاۋگۇەن ۋەقەسى سەۋەبچى بولدى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە نامايىش ئۆتكۈزۈشىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىنى قانۇنلۇق بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى سەۋەبچى بولدى.
- خىتاي ھۆكۈمىتى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۇەن شەھەرچىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى جىدەل – ماجىرا، دېدى، – دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، – ئەمەلىيەتتە ماجىرادا ئۇيغۇرلار ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى، يارىلاندۇرۇلدى. دەرۋەقە،خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۇردى. بەلكى ئۇيغۇرلارنى كېچىدە، كەچ سائەت 11 دىن ئەتىگەن سائەت 4 كىچە ئۇر – ئۇر قىلدى، ئۇرۇپ بولغاندا ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچى ئەۋەتىپ ۋەقەنى ›تىنجىتقان‹ بولدى.
نېمە ئۈچۈن ۋەقەنى تىنجىتىشنى كېچىكتۈرىدۇ؟ كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى نەدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولسا، ئۇنى بىخ ھالىتىدە يۇقىتىمىز، دەپ كېلىۋاتقان ئىدىغۇ؟ نېمە ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن 5 سائەت ئۆتكەندە ئاندىن تىنجىتقىلى كېلىدۇ؟
دېلونى نېمە ئۈچۈن سوت مەھكىمىلىرى بىرتەرەپ قىلمايدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، – دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، – ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇشقا خىتاي ئىشچىلارنى كوممۇنىست پارتىيە كۈشكۈرتتى. بەزى خىتايلار ›زاۋۇتتا ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بەردى‹ دەيدۇ، ئەگەر شۇنداق دېلو سادىر بولغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلمايدۇ؟
يەنە بەزى خىتايلار «كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ساقچى ئورگانلىرى بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋەقە يۈز بەردى» دەيدۇ، ئۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن دېلونى بىر تەرەپ قىلمىغان كوممۇنىست پارتىيىدىن ھېساب ئالماي، ئۇيغۇرلارنى ئۇرىسەن؟ سەن ئۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېلو سادىر قىلغانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ›ۋەتەنپەرۋەلىك تەربىيىسى › ئېلىپ بېرىش دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارنى ›تېررورچى’، ›مۇستەقىلچى‹ دەپ قارىلاپ – يامان كۆرسىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
بۇ ۋەقەلەرنىڭ جىنايەتچىسى كوممۇنىست پارتىيە
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شاۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ ۋەقەنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىدى ياكى ئۇيغۇرلارغا تەسەللى بەرمىدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ ۋەقەنى قانۇنلۇق بىر تەرەرپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلدى. خىتايلار ئۈرۈمچىدىكى بۇ نامايىشنى يەنە قارىلاپ – ھاقارەتلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ نامايىشنى قوراللىق باستۇردى.
ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىشىچە،، – دەيدۇ لىن باۋخۇا، – ئۈرۈمچىدىكى باستۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 140. بۇ ئادەملەر نامايىشتا كىشىلەر بىر – بىرىنى ئۇرۇش ياكى بىر – بىرىگە پىچاق سېلىشىش جەريانىدا ئۆلگەن ئادەملەر ئەمەس، بەلكى ئۇلار كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قوراللىق قىسىملىرى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ئادەملەر. ھازىر كوممۇنىست پارتىيە بۇ جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ، دەرۋەقە، ئۇلارنى كوممۇنىست پارتىيە ئېتىپ ئۆلتۈردى.
– بۇنداق بىر نامايىشنى تامامەن تىنچ ۋەستە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن ئىدى، – دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، – ئەمما نېمە ئۈچۈن كوممۇنىست پارتىيە ھە دېسىلا خەلققە قورال تەڭلەپ ئوق چىقىرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەقسەت باشقا، مەقسەت ئۇيغۇرلارغا مىللىي قىرغىنچىلىق قىلىش. خىتايلارنى كوممۇنىست پارتىيە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتىپلا قالماي، بەلكى ئۆزىمۇ ئۇيغۇرلارنى بىۋاستە مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.
بىر ھەپتىدىن بۇيان شاۋگۇەن ۋەقەسى توغرىسىدا ئۇيغۇرلارغا پىسخىئولوگىيىلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئۇنداق قىلماي، زىددىيەتنى بارغانسىرى كەسكىنلەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭدىكى قىرغىنچىلىقنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلدى. گۇاڭدۇڭدا خىتاي ئىشچىلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۈرۈمچىدە قوراللىق قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ جىنايەتچىسى كوممۇنىست پارتىيە.
بۇ ۋەقەلەرنى ب د ت نىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك
لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ ۋەقەلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقەلەرنى ب د ت نىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ›رابىيە قادىر چەتئەلدە تۇرۇپ بۇ ۋەقەنى قوزغاتتى‹ دەيدۇ. ب د ت شاۋگۇەنگە ۋە ئۈرۈمچىگە ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ، بۇ ۋەقەلەرنى رابىيە قادىر كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ، زادى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنى ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك. تەكشۈرسىلا ئېنىق بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەممە سىمسىز تېلېفون ئالاقىسىنىڭ، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ خاتىرىسى ئامېرىكىدا.
تۈنۈگۈنكى خەۋەردە ئۈرۈمچىدىكى نامايىشتا 2 ئادەم ئۆلدى، دېيىلگەن ئىدى، بۈگۈن 140 قا يېتىپتۇ. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بۇ قىرغىنچىلىق 1989 – يىلى تيەنئەنمىندە يۈز بەرگەن 4 – ئىيۇن ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي تېررىتورىيىسىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا دەرھال ئارىلىشىشى كېرەك، ئۇنداق قىلمىسا، شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلۈشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، ب د ت نىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.