2009.06.12

گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ خوشاللىقى

مۇھتەرەم ئوقۇرمەنلەر، ئەسلىمىمىزنى بۇ بىر ھەپتە جەرياندا، دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دىققەت نۇقتىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردىن باشلايلى.

ئەلۋەتتە گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھەممە دىققەت چېكىۋاتقان ئىدى، بۇ بىر ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ئاجايىپ دراماتىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. يەنى، 9 – ئىيون دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان 21 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كىچىك ئارال دۆلەت پالاۋنىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىوڭ Johnson Toribiong بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىنمۇ پەخىرلىنەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئاخباراتلاردا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇرنى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پالاۋ ھۆكۈمىتىگە 200 مىليون ياردەم سوممىسى ئاجرىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پالاۋنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى خېرسېي ئەپەندى، پالاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا پەقەت بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىزلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىك ھەم ئامېرىكا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلغانلىقى، بۇ ئارىدا ئامېرىكىنىڭ پالاۋغا 200 مىليون بېرىشنى ۋەدە قىلغانلىقى ئىنكار قىلدى.

پۈتۈن دۇنيا گۇانتانامودىكى بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇر گۈزەل يېشىل ياقۇت ئاتالغان، ئەمما تولىمۇ يىراق ھەم كىچىك پالاۋ ئارىلىغا بارىدىغان بولدى دەپ مۇنازىرىگە چۈشكەن پەيتتە، چارشەنبە كۈنى سەھەر گۈەنتانامودىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت نەپىرى ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، يەنى 11 ‏- ئىيۇن كۈنى سەھەر سائەت 5:30 دا، بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ پايتەختى خامىلتون شەھىرىگە يېتىپ بارغانلىقى خەۋىرىنى ئالدۇق. ئەركىنلىككە ئېرىشكەن 4 نەپەر ئۇيغۇر، ئابدۇللا ئابدۇقادىر 30 ياش؛ خېلىل مامۇت 31 ياش؛ ئابلىكىم تۇراخۇن 38 ياش؛ سالاھىدىن ئابلەھەت 32 ياش ؛ ئۇلار ھامىلتون شەھىرىدىكى بىر دېڭىز بويى داچىسىدا دەم ئالماقتا.

بېرمۇدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىكى بىر تاقىم ئارال. گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ‏ – ئىككى كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر كىشىلەردە دەسلەپ قايمۇقۇش، ھەيرانلىق قوزغىغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ رەسمىي ئەركىنلىككە چىققانلىقىدىن ھەممە مەمنۇن بولدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار ئوبامانىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئوبامانىڭ پىلانىغا قارشى چىققان كۆپ سانلىقىلارنىڭ پىكىرىنى نەزەردە تۇتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى، لېكىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ بولسا گۈەنتانامودىكى قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

دۇنيا مەتبۇئاتىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا گۇانتانامودا قالغان 13 ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە قانداق ھەيران قالارلىق خەۋەرلەر كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا، شۇنداقلا مۇخبىرلىرىمىزمۇ بۇ ھەقتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ئەڭ يېڭى ھەم ئىشەنچلىك خەۋەرلەر بىلەن تەييارلاشقا تىرىشماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىدا غۇلغۇلا

ئەمدى ئۇيغۇر ۋەتىنى ئىچىدىكى پاش بولغان ئەڭ تەسىر قوزغىغان ۋەقەلەرگە نەزەر سالساق، يەكەن ناھىيىسىدە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر نەچچە نەپەر نارەسىدە ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس ھەم غۇلغۇلا قوزغىغان ۋەقە دىيىشكە بولىدۇ.

بۇ ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، رادىئومىزمۇ بۇ ھەقتە بەلگىلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن ۋە ۋەقەنىڭ راستلىقنى دەلىللىگەن ئىدى.

يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چىقارغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 9 ‏ – كۈنى بىر ئۇيغۇر ئايال يەكەن ناھىيىلىك 6 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 9 ياشلىق قىزنىڭ شۇ مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى مەزكۇر ساقچى ئىدارىسىغا تاپشۇرغان.

جىنايەت گۇماندارى جۇ فامىلىلىك خىتاي 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى قولغا ئېلىنغان.

6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەكشۈرۈپ دەلىللەپ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە تاپشۇرغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى يەكەن ناھىيىلىك ساقچىخانا سولاقخانىسىدا سولاقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يەكەن ناھىيىسى مەزكۇر ناھىيىدىكى 6 ‏ – باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن جاۋ پەمىلىلىك بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر نارەسىدە قىز ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىي تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى بىلەن تەۋرەنمەكتە. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە 6 ‏ – باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلگىرى يۆز بەرگەن بۇ تۈردىكى پەسكەشلىك ۋەقەلىرىنى يوشۇرۇش، جاۋ پەمىلىلىك خىتاي ئوقۇتقۇچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئۇيغۇر نارەسىدىلىرىگە قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن پەسكەشلىك قىلغان بۇ خىتاينىڭ قىلمىشى ئۇيغۇرلاردا غەزەپ ھەم غۇلغۇلا قوزغىغان، پۇقرالارنىڭ دىققىتى ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ جاۋنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا تىكىلگەن. ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ جاۋنى يېنىك بىر تەرەپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ پۇقرالارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، داۋاگەرلەرنىڭ بولسا تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانلىقى كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ئوتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتماقتا.

شۇنىڭغا ئوخشاش ئادىل بىر تەرەپ قىلىنمايۋاتقان دېلولاردا، مەنپەئەتى، غۇرۇرى ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ، ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ قانۇنىي ھەق – ھوقوقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىركەشمەكتە.

بۇنىڭ بىر مىسالى ئېرى مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ يەكەن گۈلباغ ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق جەريانىدا تاياق زەربىسىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە تەھدىت، خەتەر، بېسىم ھەم توسالغۇلارغا قارىماي ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن دىلبەر توختى خانىم.

دىلبەر توختى خانىم 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە تۇتقان ئادۋوكاتلىرىنىڭ ھازىر بۇ ئەرزنى داۋا قىلىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دادىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە خۇي ۋەنمىڭ ئىسىملىك ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشكىلى كەتكەنلىكىنى، ئادۋوكاتنىڭ بۇ ئىشنى قانچىلىك ھەل قىلالىشى يەنىلا يەكەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى شۇنداقلا بۇ دېلوغا سەۋەبكار بولغان ساقچىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار تۇغقىنى بولغىنى ئۇچۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئەرز جەريانىنىڭ يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 5 – ئايدىن 10 – ئايغىچە بولغان 6 ئاي جەريانىدا » جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مۇقىملىقنى ساقلاش » قا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرجەم كۈتۈۋېلىشقا چاقىرغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا » 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى باشلىدى.

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان،» جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش «، » 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش » دەپ نام ئالغان، بۇ قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئىلى تەۋەسىدىنلا » 3 خىل كۈچلەر» گە مۇناسىۋەتلىك دەپ تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى 100 دىن ئاشىدىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن، ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قېتىم تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئاساسلىقى دىنىي تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەم دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان تىجارەتچى بالىلار بولۇپ، ئۇلار ئىلى تەۋەسىدىكى غۇلجا ناھىيىسى، غۇلجا شەھىرى، چاپچال ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىن تۇتۇلغان.

بۇ ھەپتە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بايانات بېرىپ، » خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى باھانە قىلىپ باشلىغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە خوتەندە بۇ يىل 2 – ئايدىن ھازىرغا قەدەر تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندە 842 نەپەرگە يەتكەن » دېدى.خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 700 دىن كۆپرەكى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىزلا تۈرمىلەرگە قامالغان. بۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تۇتۇپ قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خىتاينىڭ 2008 – ئولىمپىك ئالدى ‏ – كەينىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۇچۇرلار

ئەمدى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بىر ھەپتىدە ئۆتكۈزگەن مۇھىم پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ تارقاتقان خەۋەرلىرىمىزنى تەكرارلاپ ئۆتەي:

10 – ئىيۇن چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار «ئۇيغۇرلار – بىر زىيانكەشلىكنىڭ تارىخىي» تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.

مەزكۈر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا كىرىستىيان ياڭ ئادۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روھراباكېر ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا كىرىستىاين ياڭ ئادۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى كارا ئابرامسوم خانىم ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى فېلىس گيېر خانىم قاتارلىقلار خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي، ئىرقىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە ئىسپات بەردى.

10 ‏- ئىيۇن چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ » قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا قايتا نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن چاقىرىلدى.

قۇتادغۇ بىلىكنىڭ يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى يۇتا ۋاللېي ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

يىغىندا جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ئاسىيا – كاۋكاز ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور فرەدەرىچك ستارر ۋە يۇتا ۋەللەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دوكتور رۇستي بۇتلەر قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلدى.

مەزكۇر يىغىنغا يەنە، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي كىتابلارنى تەتقىق قىلىپ نەشر قىلدۇرغان، ئۇ قۇتادغۇ بىلىك ھەققىدە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ۋە ئىلمىي ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئارخېئولوگ، قۇتادغۇ بىلىكتىكى پەلسەپىۋىي قاراشلار بويىچە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان قۇربان ۋەلى ئەپەندىمۇ تەكلىپ قىلىندى ۋە ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقىدى.