مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىنىي ئورگاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 10 – ماي كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يىغىلىپ، دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچى بولغان بىر دىنىي گۇرۇپپىغا تەۋە 7 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە قولغا ئالغان. خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا 5000 يۈەندىن جەرىمانە قويۇپ، 2 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.06.12
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى جۆمە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا، دائىرىلەرنى قولغا ئېلىنغان 2 ئوقۇغۇچىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. خەۋەردە دىنىي گۇرۇپپىدىكى 7 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 10 – ماي كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يىغىلىپ، دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى، لېكىن پورما كىيگەن 2 ساقچى بىلەن پۇقراچە كىيىنگەن 10 نەپەر ساقچىنىڭ يىغىن مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ساقچىلار تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى»قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش» ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ، 15 كۈن تۇتۇپ تۇرغان. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئوقۇغۇچى قويۇپ بېرىلمىگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: » 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ئەركىن دۇنيا تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ھوقۇقىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى. بۇ ياش ئۇيغۇرلار باشقا نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تىنچ قوللانماقچى بولغانلاردۇر.»

خەۋەرلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكولتىتىنىڭ يۈسۈپجان ئىسىملىك ئوقۇغۇچىسى، يەنە بىرىنىڭ مەمەتجان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.