2009.06.04
ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالمىغان.
ئەمما خىتاينىڭ شىنخۇا، سىنا قاتارلىق خەۋەر تورلىرى 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، «جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا 1990 – يىلدىن 2003 – يىلغىچە جەمئىي 591 بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق گۇرۇھىنى تارمار قىلىپ، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ 10 يىلغا قەدەر داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى» دېگەن ئىدى.
2009 – يىلى 5 – ماي ئىسپانىيە دۆلەت سوتىنىڭ بىر سوتچىسى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرغان جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ ئاتىغان سەككىز كىشىنىڭ ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەنمۇ بار بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ۋاڭ لېچۈەننى » ئىككى قولى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا بويالغان جاللات » دەپ ئاتىغان ئىدى.