ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 23 – ماي كۈنى ۋەكىللەر دېموكراتىك سايلام ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.05.25
Rabiye-Xanim-Duq-3-qurultay-305ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﺪﯦﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەئىس ھەم ۋەكىللىرىدىن باشقا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم جامائەتنىڭ قاتنىشىشىدا ئېلىپ بېرىلغان ئوچۇق سايلامدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە تولۇق ئاۋاز بىلەن قايتا سايلاندى.

رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر سايلامدا نامزاتلارنىڭ ئاكتىپ ئىپادىسدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 23 – ماي كۈنى شەنبە 3 – كۈنىگە قەدەم قويدى. بۇ كۈندە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ھەمدە ۋاشىنگىتوندا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولۇپ ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى، پايتەخت ۋاشىنگىتون يېنىغا جايلاشقان ھايات مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ باردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ھەر قايسى ۋەكىللەر، قۇرۇلتاينىڭ بارلىق رەھبەرلىك قاتلىمىنى بەلگىلەپ چىقىشتىن باشقا قۇرۇلتاينىڭ بەزى نىزامنامىلىرىگە تۈزىتىشلەر كىرگۈزدى.

مەلۇم بولغاندەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۆۋەتتە چەتئەللەردە دېموكراتىك ئۇسۇلدا تىنچلىق يولى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركىزى بازىسى شۇنداقلا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي ۋە تەشكىلى ئورگىنىدۇر. بۇ ئورگان ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم قۇرۇلتاي ئۆتكۈزىدۇ ھەم تەشكىلى رەھبەرلىك قاتلىمىنى قايتا سايلاپ چىقىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋەزىپىسى جەھەتتىن، قۇرۇلتاي ئورگانلىرىنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلغۇچى ھەم دۇنيا سەھنىسىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ۋەكىللىك قىلغۇچىدۇر. مەزكۇر ئورۇنغا، رابىيە قادىر خانىمدىنمۇ لايىق كىشى يوق دەپ تونىغان بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق ئاۋازى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى ئاتالغان رابىيە قادىر خانىم قايتا تەيىنلەندى. قىزغىن ئالقىشلار ئارىسىدا ھاياجان بىلەن سەھنىگە چىققان رابىيە قادىر خانىم، خەلقنىڭ، ۋەكىللەرنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئادا قىلىش يولىدا ھەرگىزمۇ ھارمايدىغانلىقىدەك ئىرادىسىنى يەنە بىر نۆۋەت ئىپادە قىلدى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ زىممىسىگە ئالغان بۇ ۋەزىپىنىڭ مۇھىملىقى ھەم جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە داۋاملىق سايلامغا قاتناشتى ھەم نازارەتچىلىك قىلدى.

دۇنياغا دېمۇكىراتىنى تارقىتىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ پايتەختىدە ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرىنى، مەسئۇللىرىنى بېكىتىش سايلىمى، ئىنتايىن قىزغىن ھەم تالاش ‏ – تارتىش ئىچىدە ھەقىقىي دېموكراتىك ئۇسۇلدا مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى قۇرۇلتاي رەئىسلىكى، باش كاتىپلىق، تەپتىش ھەيئىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رەھبەرلىك ئورگىنىدىن تەشكىل تاپقان بۇ ئورگانلار يەنە بىر قانچە ئونلىغان تەشكىلى ئاپپاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سايلاپ چىقىلغان مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئالغان تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۆمتۈرۈك ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى سۈپىتىدە بارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا تونۇش بولغان دىلشات رىشىت بۇ نۆۋەتمۇ ئۆزىنىڭ قۇرۇلتايدىكى باياناتچى بولۇش ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلشات رىشىت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دېموكراتىك سايلىمىنىڭ ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىنىپ ئۈچ كۈندىن بۇيان بارلىق ۋەكىللەر كۈندە دېگۈدەك 10 سائەت ھەتتا 12 سائەتلەرچە مۇزاكىرە يىغىنلاردا بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى سايلاممۇ ۋاشىنگىتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 يېرىمدا باشلانغان ئىدى كەچ سائەت 9 غىچە داۋاملاشتى.

سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاشىنگىتون ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى يەنە شۇ ھايات مېھمانخانىسىنىڭ زىياپەت زالىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تەبرىكلەش ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋاشىنگىتونغا يىغىلغان مېھمانلارنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن زىياپەت ئورۇنلاشتۇردى.

سايلام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەر ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.