ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.25
2009.05.25
قۇرۇلتاي ۋاشىنگتون ئالاھىيدە رايونى سىرتىدىكى داللاس رايونىغا جايالشقان ھيات مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرۇلتايغا بىرلەشمىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزالىرى، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى شۇنداقلا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەرمۇ قۇرۇلتايغا مېھمان سۈپىتىدە سىرتتىن قاتناشتى.
قۇرۇلتاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭىدىن قايتا سايلانغان رەئىسى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىك سۆزى، بىرلەشمە باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن باشلاندى.
قۇرۇلتاي ئاخىرىدا دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رابىيە خانىم رەئىسلىكىدىكى يىڭى رەھبەرلىك ئورگىنى سايلاپ چىقىلدى.